Lyrics: Narkoz
Music: Narkoz
Arranger: Narkoz
ئەسلىمەمنىڭ قوينىدا مەن ئوينىغانتىم ھويلىدا
كىم كىمنىڭ يادىدا ئالمايدۇ ئارىغا
قالدى مانا چوڭ دادام يالغان كۆتەك يوقاپ كەتتى كىچىك ۋاقتىمدا چاغان دىدەك
بېرەلمىدىم مېھرىمدىن يەتكۈچە قاراپ كۆزۈم تولدى سەن يېنىمدىن كەتكۈچە
ئالىمەن دېگىنىم راست ، ئۈچ يىل ساقلاپ تېگىمەن دېگىنىڭ بولۇشى ناتايىن
ئەتىدىن قاراپ باقتىم يىللارنىڭ قوينىغا بارالمىدىم ئاخىرىدا چاقىرغان شۇ تويۇڭغا
تويماس جىددىي يۈرەك سېنىڭ شارابىڭنى قانچە ئىچسەم ئوغۇل بالىلار سەت تۇرمامدۇ ئۆزۈم سۆيگەندىن بالدۇرلا كەتسەم مەن
كەچمىدىم ئاخىرغىچە ۋەدەم قالدى يىللار بىلەن خاتىرەمدە ئەمدى بېرىپ كىمدىن سوراي بەرگەن يالغان ۋەدە نەدە
كېلىپ قالار دەپ سېنى ساقلاپ ، بۈگۈن ياكى ئەتە
بۈگۈن ياكى ئەتە كېلىپ قالار ، بەلكىم بەخت ئىزدەپ كېلىپ ، بۇ كىمنىمۇ دەپ قالار ئىزدەپ كەلسە بەخت بولدى ماڭا تەۋە دەپ بىلگىن
ئەمدى بىلدىم ساڭا كېرىكى مەن ئەمەس ، مەن بىلەن ئۆتكەن كۈننى بىزارلىقتىن ساناپ كەلدىڭ ، ئەمدى بىلدىم بىر كۈنلەردە ئۆتۈپ قالار قەدىرىم
بىر كۈنلەردە ھەممىدىن مەھرۇم قالسا ، ئەنسىرىمە مېنى دەپلا بىلگىن
ئۇلار بېرەلمىگەن مېھىرلەرنى نەدىن ئىزدەپ تاپاي مىننەت قىلماي ، بەلكى ھېچكىملەرگە يوقسۇللارغا چاپان ياپاي
كېتىدىغانلار كېتىۋەرسۇن قارىمايمەن يولىغا، دىيانەتتە ياشاپ كەلدىم قاراپ قالماي قولىغا
رەت قىلغانمۇ ئۆزۈم يولدا يالۋۇرغانمۇ ئۆزۈم
ھەق ناھەقنى ئايرىۋەتتى كۆرۈۋاتىدۇ بىر جۈپ كۆزۈم،
مۇھەببەت بىلەن نەپرەت بولاتتى بولدى مېنى قىينىما
كۆرۈپ تاشلىۋەتكەن خاتىرەمنى ئەينى يىلدا
رازى ئىدىم تۇرمۇشۇمغا ئۆتسە ، ئاددىي پاراغەت
ساختا سۆزلەر زەررىچىلىك مەلھەم بولماس جاراھەتكە
كۆنۈپ كەتتى مۇزلىدى يۈرەك ئۆلۈپ كەتتى ، ئەمدىلىكتە قايتالمايدۇ بۇرۇنقىدەك سادىق قىياپەتتە خىجالەت ساقلىمايدۇ سېنى قايتىش يولۇم كىشەندە
دەيدۇ ماڭا ئىشەنمە كۆڭلۈمنىڭ ، خالىدە، مانا ئەمدى ئىشەنمەيمەن بۇرۇنقىدەك ئۇششاق چۈششەك باھانىگە
تاقىتىمنىڭ چېكىمۇ يەتتى ، يۇقىرى پەللىگە
بولدى ئۇششاق ئىشقا ئارىلاشقۇم يوق تىنچلىقنى خالايمەن
تۈن كېچىنىڭ مەنزىرىسىدىن يۇلتۇزلاردىن سانايمەن
كۆنۈپ كەتتى ئاددىي تۇرمۇش تەشۋىشى يوق يالغۇزلۇققا
بىر رىتىمدا ئۆتمەس ھايات بورىنى بار ، يامغۇرلۇقتا
تەڭ قىلدىم بەزىدە ئۈزەمنى پۇلى كام گادايغا
تۈشۈپ كەتتى سەۋىرلىرىم ئالدىمدا غادايما
توغرا مەن ساڭا مەنسۈپ ئەمەس
بولدى قالسۇن ھەۋەس
يېنىڭدىن كەتكەن ئەمەس
كەتكەتكەنلەر كىتىۋەرسۇن ئەقىدەممۇ سەن بىلەن قالسۇن بىراق مەن تۈكەتتىم دەردىمنى ھاراققا
ئۆزەمگە ئۆزەم سۆزلەپ مېڭىۋاتاتتىم مەسچىلىكتە يېنىپ تۇرغان غۇۋا چىراق يول بويىدىكى قاۋاققا
ئاخىرىدا قولۇڭنى تۇتۇش كىمگە نىسىپ بولدى ماڭا مەسخىرىدە چېلىندى چاۋاقلا
(ئۇنتۇپ كېتەي بىراقلا)
ئۇخلىمىدىم ئۆتكۈزىۋەتتىم نەچچە كېچە تۈننى
ئۇنۇتمايمەن تاشلىۋېتىپ كەتكەن شۇ كۈننى
تۇتقان ساڭا گۈلنى
ئىشخانىدا كەيپ بولۇپ يالغۇز قاقتىم كۈلنى
پىيالەم لىق كۈل ئىدى
بەلكىم مەن ماھىرە ئەمەس مۇھەببەتكە
بىلسەڭ يېتەتتۇق مەڭگۈلۈك تائەبەتكە
بولاتتىم سائادەتتە
بىراق كەتتىڭ قەلبىمدە ساقايماس قالدى جاراھەتلەر
كۆنۈپ قالدىم يالغۇزلۇققا كېرەك ئەمەس تەسەللى
تەسەللىگە مۇھتاج ۋاقتىمدا سەن نەدە
ئالداپ قويۇپ ماڭا بەرمە قۇرۇق ۋەدە
ھەممە يەردە مېھرى مۇھەببەت كۆپ تۇرۇپ تۇرۇپ قالىمەن ، ئۇلارغا ھەۋەس قىلىپ
ئىشەنگەننى يەردە قويۇپ ئىشەنگەنلەر ئېرىشەلمىدى مۇھەببەتكە
قالدىم مەن يالغۇز تۆت تام ئىچىدە ئولتۇرۇپ تىلەپ سېنىڭ بەختىڭنى بولغىنى ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈلۈك تائابەتتە