Yalguz Koy

يالغۇز قوي تېكىستى: تۇرسۇنتوختى(باغۋەن) مۇزىكىسى: Esan
--مۇزىكا-- يالغۇز قوي چارچىدىم ۋاراڭ چۇرۇڭدىن بەك بىزار بولدۇمغۇ ئەسكى خۇيۇڭدىن تۇتۇشقا رايىم يوق ئەمدى قۇلۇڭدىن يىراق تۇر پۇتلاشماي ھايات يۇلۇمدىن
يالغۇزلۇق راھەتكەن سىنىڭ بارىڭدىن خەۋەرمۇ ئالمىدىڭ پەقەت ھالىمدىن ئايرىلدىم نەچچە رەت ھەتتا بارىمدىن يالغۇز قوي ئايرىلماي ئەزىز جانىمدىن ئايرىلدىم نەچچە رەت ھەتتا بارىمدىن يالغۇز قوي ئايرىلماي ئەزىز جانىمدىن
--مۇزىكا--
يالغۇزلۇق ياماندۇر دىسە باشقىلار راس چېغى دەپتىمەن بىلمەي تۇرۇپ مەن كەلگەندە بېشىمغا نۇرغۇن قىسمەتلەر بەرداشلىق بەرمىدى ئاجىز كەلدى تەن
يالغۇزلۇق مەن ئۈچۈن ياخشى تاللاشتۇر ۋە بەلكىم ھەممىنى قايتا باشلاشتۇر قۇتۇلۇپ قىيناشنىڭ قەپەسلىرىدىن خوش كۈلۈپ ھاياتتا پەيزى ياشاشتۇر
يالغۇزلۇق راھەتكەن سىنىڭ بارىڭدىن خەۋەرمۇ ئالمىدىڭ پەقەت ھالىمدىن ئايرىلدىم نەچچە رەت ھەتتا بارىمدىن يالغۇز قوي ئايرىلماي ئەزىز جانىمدىن ئايرىلدىم نەچچە رەت ھەتتا بارىمدىن يالغۇز قوي ئايرىلماي ئەزىز جانىمدىن --مۇزىكا--