تونۇشلىرىم
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
سىرىلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ يەتكەن،
ئۆتمۈشۈمدىن كەلگۈسۈمگە ئۇزاپ كەتكەن،
كەمسىتىش ھەم ھەسرىتىمنى خەققە تۆككەن،
قەلبىمدىكى ئۆزگە دۇنيا، تونۇشلىرىم.
يات- يوچۇنلار سوراپ قالسا تىللاپ بېرىپ،
دۈشمىنىمگە جان دوست بولۇپ قۇچاق كېرىپ،
تۇز- تائامنىڭ ھۆرمىتىنى قارا قىلىپ،
يۈرىكىمنى قىلغان يارا، تونۇشلىرىم.
ھېچ كىشىگە ھېچ يامانلىق قىلمىغانتىم،
مىڭلاپ ئىنسان باللىرىدىن تاللىغانتىم،
ئالدىڭلاردا قارا يۈز ھەم بولمىغانتىم،
غەيۋەت بىلەن قىلغان غەۋغا، تونۇشلىرىم.
تونۇماستا تونۇشساق دەپ ئارزۇ قىلغان،
ئارقىدىنلا كۆكسۈمگە تىىغ- پىچاق ئۇرغان،
يوق ئىللەتنى ماڭا ئارتىپ باغرىم تىلغان،
كۆپ ياشاڭلار قەلبى دەريا تونۇشلىرىم.
نېسىپ بوپتۇ بىر دەۋردە بىللە ياشاش،
ئۇدۇممىدۇ نەپ يەتمىسە بىزگە غاجاش،
كېرەك ئەمەس ئىدى ماڭا يالغان ماختاش،
يۈزى قارا، لەۋزى رىيا تونۇشلىرىم.
دۆلىتىڭىز كەڭرى بولسۇن بەركەت تېپىڭ،
مەن ئەسكىنى ھەر كۆرگەندە يىراق قېچىڭ،
ئەيبىمنى تاغدەك قىلىپ قوشاق قېتىڭ،
كۆزى ئوچۇق، دىلى ئەما تونۇشلىرىم!