Lyrics: Abduwali-Aysa
Music: Rozi-Beg
Arranger: Anwar Tursun/Umutjan-Alim
سەۋەبسىز ئىش يوق
ناخشا ئورۇنلىغۇچى: ئۈمۈتجان ئالىم
تېكىستى: ئابدۇۋەلى ئەيسا
مۇزىكىسى: رۇزى بەگ
ئاكورتلاشتۇرغۇچى: ئەنۋەر تۇرسۇن
ئاۋاز ئۈنۈم: يۈسۈپجان قۇربان سەھرا
قىل سىغمايدۇ دەپ كەلگەن ئىدىم،
سۆيگۈمىزدىن تاپتىڭ سەن يۇچۇق.
ئالدىڭدار يار بولمىدى قەدرىم،
سەۋەبى بار سەۋەبسىز ئىش يوق.
كىتىپ قالدىڭ باغرىمنى تىلىپ،
ئۆزگىلەرنى مەندىن چوڭ بىلىپ،
مەنمۇ ھاردىم قەدرىڭنى قىلىپ،
ئۆزۈڭدىن كۆر سەۋەبسىز ئىش يوق.
ئېغىر ئەمەس ئىدىغۇ يۈكۈم،
سەن ئالدىراپ چىقاردىڭ ھۇكۈم،
كۈيۈپ كۈيۈپ ھاردى يۈرۈكۈم،
ئۆزۈڭدىن كۆر سەۋەبسىز ئىش يوق.
يات يېنىغا كەتتىڭ سەن ئۇدۇل،
كۆزلىگىنىڭ ئىكەن ئەسلى پۇل،
پۇل ئالدىدە ئەمدى ئۆزۈڭ قۇل،
ئۆزۈڭدىن كۆر سەۋەبسىز ئىش يوق.