Lyrics: Tswer
Music: Tswer
Arranger: Tswer
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى شۇنچىلىك تېز، ئېڭەكنى قاپلىدى قاپقارا ساقال،
غەمسىز شۇ چاغلار كەلمەسكە كەتتى، ئويناپ تاغمۇ تاغ كېزىپ ، ھە چات قال .
ھەممىمىز شۇنداق چۈكۈپ كەتتۇق ، بۇ تۇرمۇشنىڭ قايناملىرىدا .
توغرا ، بۇ تۇرمۇش ئاسان ئەمەس ئىكەن، مەيلى ئىشچى بول ياكى باققال .
غال غال تىترەيدۇ قوللار .
سېغىنىتتىڭ مېھىرلىك قۇچاقنى
بالىلىق ياخشىكەن كىيىمنى توپا قىلىپ، ئاناڭ تىللاپ تارتسىمۇ قۇلاقنى .
ئۇلاغنى، ئېلىپ چىقىپ باقاتتۇق. ئاغىنىلەر بىلەن دالىدا يايراپ.
ھازىر ئايلىق ئۆيگە قايتىش يوق، سېغىنىپ قالىمەن، سۇ چۆمۈلگەن بۇلاقنى
بالىلىق توغرا بەكمۇ گۈزەل، ئوينىساق كۆپتۇر ئويۇننىڭ تۈرى.
كەچ بولغاننىمۇ ئۇنتۇپ ئوينايتتۇق شۇ چاغدا بىلىنەتتى كېچىنىڭ سۈرى.
بۆرە كەلدى دەپ باشلاندى، تۆمۈر بېشىدىكى چۆچەكلەرمۇ.
نە ئۇ تۇرمۇش، نە ئۇ بېسىم، غەم ئەندىشە بىزنىڭدىن نېرى.
چوڭ بولدۇق،ئايرىلىدۇ، تۇرمۇش دەپ يۇرۇتتىن
يۆتكەلمىدى تۇرمۇشۇم جاپالىق خوتتىن.
تۇرمۇشۇمنى بىلگىلى بولىدۇ، ئالدىراپ تېنەپ چالا ئالغان بۇرۇتتىن.
تارتالمىدىم ئۆزۈمنى ئوتتىن تۇرمۇش سوقتى، ماڭا، يەنە نېمە چوتتىن.،
ئۈمىدسىزلىك چىرىمىسىمۇ شۇنچە، تىلەك تىلەپ، پۈلۈدۈم تورتتىن
مەيلى كەلسۇن ئىسسىق سوغۇق، چىشىنى چىشلەپ قىلىمەن كۆرەش.
پېشانە ھەرگىز پۈتۈلمىگەندۇ، بېسىم ئوتىدا بىر ئۆمۈر كۆيۈش.
كۆنۈشلەرگە مەجبۇر قىلدى، بەزى چاغدىكى ئىلاجسىزلىق.،
ھېس قىلدىم نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكتىن كېيىن. بەك مۇھىم ئىكەن، ئۆزۈمنى سۆيۈش.
كۆڭلۈمدىكىنى بايان قىلدىم، ئەمما نۇرغۇننى ئىچىمگە باستۇق.،
نۇرغۇن كېچىلەر ئۇيقۇسىز ئۆتتى، دەردىمگە جۆر بولدى نەملەنگەن، ياستۇق.
ئارتۇق، سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق، ھەممىنى قويدۇم مەيلىگە ئەي
راستىمنى ئېيتسام. مۇشۇ كۈنلەردە، شۇنچىلىك يەتتى كۆڭۈلگە ھاردۇق.
时间流逝如此之快,我们都被这样困住了,
在这生活的漩涡里,这生活太不容易
了。
跟哥们儿在野外撒欢儿。
当时就感到夜晚的寒冷。
从匆忙扯下的胡子中就可以知道。
،无望之灯亦如许,
愿已从蛋糕上吹下无论是冷是热,
我都会咬紧牙关斗争。
注定没有缘分,压力火烧一生。
迫使适应,
有时的无奈。
我说了心里话,
但许多都憋着