Atam

Lyrics: KutluK Music: KutluK Arranger: KutluK ئاتام تولىمۇ جاپا تارتقان قارماققا ئاچچىقى ياماندەك لىكىن ناھايتى مۇلايىم ياۋاش ئادەم كىچىمدىن ماڭا ھەم بۇۋا ھەم دادا بولۇپ كەلگەن ئادەم يىشى 60تىن ئاشقان بولسىمۇ يەنە تىرىشىپ تىرمىشىپ بىر ئائىلىنى بىقىپ كىتىۋاتقان ئادەم تىنىڭىز سالامەت ئۈمرىڭىز ئۇزۇن بولسۇن ئاتا يىشىم 21دە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمەن دەرىس ۋاقتىدا ئولتۇرۇپ خام خىياللار سوقۇيمەن كەلگۈسۈم قانداق بولاس قورقمايمەن ئەمەس قوقۇيمەن ئۈگەنگىنىم چاغلىق لىكىن شىيىر قوشاقلار توقۇيمەن ياش ۋاقتىمدا دۇنيا مىنىڭ دادامنى ئەپ كەتكەن2 ئاشۇ ئىشلار ئۆتكەندىن كىيىن بۇۋام مىنىڭ ئاتام بولۇپ كەلگەن كىچىكىمدىن ئاتام مىنىڭ دىگۈنۈمنى قىلىپ بەرگەن ھىرىپ كەتتىم ئاتا دىسەم مۆرىسىگە مىنى مىندۈرگەن ھىلىمۇ ئىسىمدە كىچىكىمدە يامغۇر كۆپ ياغاتتى مەھەللىنىڭ يوللىرى بەكلا پاتقاق بولۇپ كىتەتتى شۇ بىچەرە ئاتام مىنى مۆرىسىگە مىندۈرەتتى پاراڭلاشقاچ مەن بىلەن يەسلىگە ئاپىرىپ ئىپ كىلەتتى پەقەت ئۇنتالمايمەن ئالىي مەكتەپكە ماڭغان كۈننى ئاتام چوپچوڭ ئەركەك تۇرۇپ كۆزىدە ياشلار لۆمۈلدەيىتتى تۇتتى ماڭا 5000كوينى بۇنى خىراجەتكە ئىشلەت يەتمىسە يەنە سورا بالام سىنىڭدىن باشقا نىمەم باتتى ئاتامغا دەپ قويمىغىن ئۇسىز شەھەردە ئىگىلگەن بىشىمنى روسلىيالمىغان قەددىمنى كۆزۈمدىن مەڭزىمگە ئەمەس سۈكۈتۈمدىن يۈرۈكۈمگە تامچىلىغان يىشىمنى يۈرەكلىرىمنىڭ مىڭ پارە بولۇپ كەتكىنىنى چۈنكى ئۇ ئاڭلىغاندا يۈرەكلىرىنىڭ پۇچۇلنىپ كىتىشىدىن قورقىمەن ئاتام ماڭا دەيىتتى خان بولالمىساڭمۇ خار بولما ئەتە ئۆگۈن خەقنىڭ ئالدىدا تۆت تەڭگىگە زار بولما يامان كۈنلىرىڭدە ياۋلار بىلەن تەڭ تۇرالمىساڭ مەيل ياخشى ۋاقلىرىڭدا يوقسۇللارغا كۆڭۈل كۆكسۈڭنى تار قىلما دەيتتى سەن ئوغلۇم مۇسرەتنىڭ ماڭا يالدامىسى داداڭ بولسا ياخشى بولاتتى يار بەمىدى سالامىتى چىرايىڭ بەك ئوخشىدى داداڭغا ئۈمرۈڭ ئوخشىمىسۇن ئوڭۇشلۇق بولسۇن ئىشلىرىڭ ھىچكىم توسىمىسۇن مانا بۇ مىنىڭ ئۆتمۈشۈم مانا بۇ مىنىڭ ئاتام ئاتام ماڭا دەيىتتى ياخشى ئوقىغىن بالام ئاناڭ ئىككىمىز ساڭا مەڭگۈ باقىۋەندە ئەمەس لىكىن ئاشۇ بىلىمىڭ بىلەن ماڭالايسەن چەبدەس كەچۈر ئاتا! ئۈمۈدۈڭنى مەن ئاقلىيالمىدىم سەن ماڭا تەربىيە قىلغاندەك ئادالەتنى مەن ياقلىيالمىدىم دوسلۇرۇم ۋە دۈشمەن ئالدىدا غورورۇمنى ساقلىيالمىدىم ئاشۇ ئىپلاس ئىس تۈتەكنى مۇشۇ كەمگىچە تاشلىيالمىدىم ھىچنىم قىلىپ بىرەلمىدىم سىزگە پەقەت دىدىم رەھمەت تىنىڭىز سالامەت بولسۇن يەتمىسۇن سىزگە زەخمەت ئۈمۈدىڭىزنى ئاقلايمەن چوقۇم قىلىپ تۇرۇڭ سىز تاقەت چوقۇم تىرىشىپ ھامان سىزگە كۆرسىتىمەن راھەت