Lyrics: wahaha
Music: wahaha
Arranger: wahaha
كىرىپ نەپسىڭنىڭ كەينىگە بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتساڭ,
بېشىڭغا كەلسە بىر كۈنلەر ئۇ چاغدا سەن كەبى خار يوق,
پاراغەت ئىزدىسەڭ ئەسلا بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتما,
سېنىڭ قەدرىڭنى ساقلاشتا بىلىمدەك ياخشى ھەمكار يوق,
قارا قاشلىق تولۇن ئايلار ساڭا بىر نەچچە كۈن ھەمراھ,
ئەگەر سەن پۇل، پۇلدىن ئايرىلساڭ شۇئان تاشلايدۇ ھېچ ئار يوق,
گۇمان قىلما پەلەكنى ھەر قاچان بەختىڭگە چۆرگىلىمەس,
بۈگۈن باي ھەم ئەتە سەندەك ھېچ گاداي يوق بەلكى قەرزدار يوق,
جاھان رەنالىرى ئىچىدە بىلىمىدەك بىر,
بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق,
بىلىمىدىن ئۆزگە تۇتقان يار بۇلۇر ئۇ,
بولۇر ئۇ گاھىدا بار-يوق,
بىلىمدەك ياخشى ھەمكار يوق,
بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق。