Awat

Lyrics: Ablat Awut Music: Ablat Awut Arranger: Ablat Awut                      ئاۋات            باشلىنىش دېكلاماتسىيە  ئاۋات دېسە كۆككە يېتەر بۇ باشىم  ئاۋات مېنىڭ تا ئەبەتلىك قاياشىم   نەدە بولسام مۇھەببىتىم سەندىلا  سېنىڭ خەلقىڭ سىرداشىم ھەم ئاداشىم                      نەقرات        دولان ، ئاۋات ، گۈزەل ئاۋات                    ناخشا    مىنىڭ يۇرتۇم ئاۋاتتۇر ئاۋات  بەرگەن ماڭا ئاش تۇز ، قەن ناۋات  يۇرتنى كۈيلەپ ئۆتسەم ئارمان يوق  شۇندا ماڭا گۈزەلدۇر ھايات  خەلقى ئىشچان مېھمان دوستتۇر ھەم  قېرىنداشتەك پات پات بولۇر جەم  يۇرتداشلىرىم قۇچىقىدۇر كەڭ  ئانام كەبى ئىللىقتۇر ئاۋات  ئەلگە داڭلىق ئۈزۈم شەربىتى   تىلدا داستان ئۇنىڭ قىممىتى  ئەجدادلارنىڭ باردۇر ھۆرمىتى  داۋام ئەتكەچ ئودۇمنى ئاۋات               نەقرات دولان ، ئاۋات . گۈزەل ئاۋات  دولانلىقنىڭ مۇقاملىرى بار  ئەلدىن ئەلگە ئۈزۈلمەي ياڭرار  ئۆي ئۆيلەردە مەشرەپلەر قاينار  ناخشا ئۇسسۇل ماكانى ئاۋات  يۇرت يۇرتلاردىن كەلسە مېھمانلار  قارشى ئالار قىز ۋە ئوغلانلار  قىزىپ كىتەر دائىم مەيدانلار  ھوررا توۋلاپ كۈندە بۇ ئاۋات  قۇچاق ئاچقاچ ئىلىم ئېرپانلار  بەيگە ئۈچۈن ئاتلاندى ئاۋات    ئانا يۇرتۇم دولان ئاۋاتىم  يەر شارىدا نۇرلان ئاۋاتىم  سېنى سۆيۈپ ئۆتكەي ھاياتىم  دىلىم ساڭا شەيدادۇر ئاۋات            نەقرات دولان ، ئاۋات . گۈزەل ئاۋات گۈللەپ ياشناپ روناق تاپ ئاۋات تۇلپار كەبى ھارماي چاپ ئاۋات                  ئاۋات !