Lyrics: 无
Music: 无
Arranger: 无
مۇز چېكەي دېسە سۇمىكىن دەپتىمەن.
ئالداپ قويسا چېكىپ ساپتىمەن.
بىر چېكىپ ئىككى، ئۈچ كۈن ئۇخلىماي.
دۇنيادا، مەن بىر دەپتىمەن.
مۇز چېكەي دېسە ناۋاتمىكىن دەپتىمەن.
ئالداپ قويسا چېكىپ ساپتىمەن.
بىر چېكىپ ئىككى، ئۈچ كۈن ئۇخلىماي
دۇنيادا، مەن بىر دەپتىمەن.
كۆڭۈل دەپ تەڭلىدى جان دوستۇم.
كۆڭۈل دەپ چېكىپ ساپتىمەن.
ئېغىز بۇرنۇمدىن پىشىلداپ سۇ ئاقسا.
نېمە بولدۇم دەپ كۈلۈپ سېلىپتىمەن
جان ئانام قان يۇتۇپ توۋلىسا.
زۇكامداپ ئالداپ ساپتىمەن.
سۆيۈملۈكۈم سۆيگۈ بىلەن توۋلىسا.
ئەمدى بولدى ئايرىلدۇق دەپتىمەن.
جان دوستۇم ئالدىدىڭ سەن مېنى.
سەن زەھەر قىينىما تەننى
ئۇلۇغ بىرسى ئالسۇن بۇ جاننى.
ئۇنتاي دېدىم مەڭگۈگە شۇ مۇزنى