AY sanam

ئەۋۋال ئاخشام ئاي چىقتى  تاغ كەينىدىن مارىلاپ  تارام-تارام نۇر چۈشتى  باغ بوستاننى ئارىلاپ  شورا تامدىن ئاتلايمەن يان ئېرىقتىن تاقلايمەن ئايسەنەمنى چىقار دەپ    باغ ئىچىدە ساقلايمەن  ۋاي سەنەم، ۇاي ۋاي، سەنەم  ئاسماندىكى، ئاي سەنەم  يۈرىكىمنىڭ توشتىدىن  ئېلىۋاپتۇ جاي سەنەم  قىزىل گۈلنىڭ شېخىدا   بۇلبۇل كېلىپ قۇنارمۇ  ئايسەنەمنى كۆرمىسەم  كۆنگەن كۆڭۈل ئۇنارمۇ چىم چىم بۇلاق بويىدا  ئايسەنەم دەپ توۋلايمەن  يوللىرىڭغا تەلمۈرۈپ  تۈننى تاڭغا ئۇلايمەن  بۇ جاھاندا قىز تولا  بىر بىرىدىن ئۇز تۇلا  ھۆر پەرىنى ئۇز دەيدۇ  ئايسەنەمچە ئۇز بولار