bir omur

Lyrics: AMax Music: AMax Arranger: AMax بويۇڭدا ئاق لېباس ياراشقان قولۇڭدا تىللا ئۈزۈك قاماشقان ھۆر پەرىدەك رۇخسارىڭغا قاراپ ئەس ھوشۇمدىن ئاداشقان مەن نەقەدەر گۈزەل دەقىقىلەر بۇ ۋىسال تاپقان ئەقىدىلەر چىن سۆيگۈمىزگە شاھىت بولۇپ ھەممە بىزگە بەخىت تىلەر سەن كۆڭلۈمدىكى يار ۋەسلىڭگە مەن خۇشتار بۇ سۆيگۈم ساڭا ئىزھار ئەي گۈزەل دىلدار ھايات يولى بەكمۇ تار لېكىن يىغلىما زىنھار ئەمدى يېنىڭدا مەن بار پەقەت سېنى سۆيۈپ سېنىلا سۆيۈپ ئۆتسەم بىر ئۆمۈر پىراقىڭدا كۆيۈپ ئىشقىڭدا كۆيۈپ ئۆتسەم بىر ئۆمۈر سېنى مەن ئۈچۈن ھەم مېنى سەن ئۈچۈن ياراتقان بىر جۈپ قىلىپ تىلەكلەرگە يەتتۇق بىز بۈگۈن قەلبىمىزدە بولسا ساداقەت بەخىت كېلەر بولسا قانائەت كۈتمەيمەن ھېچ راھەت پاراغەت سەنلا بولساڭ يېنىمدا ئەبەد يېنىمدا بولساڭ سەن يېنىمدا قوشۇلار جان جېنىمغا مېنىڭلا بولغىن سەن مېنىڭلا سۆيىمەن بىر سېنىلا پەقەت سېنى سۆيۈپ سېنىلا سۆيۈپ ئۆتسەم بىر ئۆمۈر پىراقىڭدا كۆيۈپ ئىشقىڭدا كۆيۈپ ئۆتسەم بىر ئۆمۈر