Lyrics: 海瓦斯Hawvas/新疆SPEAKER说唱 Music: 海瓦斯Hawvas/新疆SPEAKER说唱 Arranger: 海瓦斯Hawvas ئەگەردە بۇ دۇنيادا پۇل دەيدىغان بىرلىك بولمىسا . شۇ قىزنىڭ تۇنجى قېتىم مېھمانخانىدىكى كىرلىك بولمىسا . ياۋاشلاپ كەتكەن ئاغىنەمنىڭ يەپ چوڭ بولغىنى تاياق بولمىسا . ئۇ چېمپىيون بولۇپ يىغلاپ كەتمەس ئىدى ، ئۇنىڭغا لازىملىقى ئاياغ بولمىسا . ئۇلارنىڭ دادىسى يولدا ياتماس بولغىيتتى ھاراق بولمىسا . كوچىدىكى قىز ئوغۇللارنىڭ ئۆيىدىن ئىللىق يېرى قاۋاق بولمىسا ؟ باشلانغۇچتىكى بالىلارنىڭ ئارزۇسى ئىمتىھان قەغەزدە بولمىسا . ئادەم سىمان ، ھايۋانلار ئۆسمۈر قىزغا يامان غەرەزدە بولمىسا . ئەگەردە تۇرمۇش بېسىم قىلمىسا ئۆي ماشىنا خوتۇن دەپ ئەگەردە دادام بېسىم قىلمىسا چۇقۇم كادىر بولۇڭ دەپ . ئارمانلىرىم كۆڭلۈمدە ئېنىق كۆرمىسەممۇ بىر نەتىجە . ياشاپ باقسام بۇ تۆت كۈنلۈك ھاياتىمنى ئويۇن دەپ . قىزغىن سۆيىمەن ، بۇ دۇنيانى تاغ دەريانى يايلاقنى . نادان بالىلار ، كېسىپ يۈرمىسە تۇرسۇناي دەپ بارماقنى . يۇرتداشلىرىم باش كۆتۈرگەندە كولىمىسا كەينىدىن . كۆمۈلۈپ قالغان تالانتلىقلار يانماس بولغىيتتى پەيلىدىن . تاشلاپ كېتەي دەيمەن يۇرتۇمنى يىراققا قايتىدىن ، لېكىن . دادامنىڭمۇ يېشى ئېشىپ قاپتۇ ئەللىك ئالتىدىن . ئەگەر تۇرمۇش پويىز بولسا چىقماي ماڭسا رېلىستا مەن ئويلايمەن ھاياتىمدا دولقۇن بولسا دېڭىزدا .