Lyrics: We-production
Music: We-production
Arranger: We-production
Mixing ;阿布奇诺
ساڭا شۇ قەدەر ئاشىق ، مەن
قەلبىمدە سەن مېنىڭ ھامان
كۆز ئالدىڭدا ئېيتالمايمەن سۆزۈمنى
مەجنۇن كەبى ساڭا
سەن مېنىڭ يۈرەك پارەم
سەن مېنىڭ كۆز قارىچۇقۇم
سەن مېنىڭ سۆيگۈنۈم
سەن ئۆزۈڭ
سەن مېنىڭكى
قارچۇقۇم
مەن سېنى سۆيىمەن
سۆزلىرىم زىناق بولسۇن سەن ئۈچۈن .
كۈلكەڭگە قوشۇلۇپ
دېرىزە ئالدىدا مەن
يالغۇز ئولتۇرۇپ
كۆزلىرىڭدە ياش قالمىسۇن
ساڭا ھېچ كۆز تەگمىسۇن
ساڭا بەك ئىچىم كۆيىدۇ
ئاڭلىغىن
كۆرگەنلىرىڭنى بىلگەنلىرىڭنى
ئېيتقىن ھەم كەچۈرگىنىڭنى
كۆيگەنلىكىڭنى سۆيگەنلىكىڭنى
ماڭا مۇھتاج بولغىنىڭنى
ئېيتقىنا
ئېيتقىنا
سەن گويا مېنىڭ يۇلتۇزۇم
ئاسمىنىمدىكى يورۇق نۇرسەن
ھەر كۈنى ساڭا قاراپ ئويلايمەن
ئاينى ئۈچۈن شۇ قەدەر يېگانە
سەۋەبى يوق گۇمانىڭنى توختاتقىن
ھېچ بولمىسا ماڭا بىر قاراپ قوي
بۇنچە پەرۋاسىز بولمىغىن
دېگىن سېنى سۆيىمەن
ئېيتقىنە ،ماڭا
قاچۇرما كۆزلىرىڭنى ھەم
لەۋلىرىمدىكى ئاشۇ تەمنى
ئۇنۇتمىغىن سەن
ھەر كۈنى
ھەر نەپەستە
ئىزھار قىلىمەن
مەن ساڭا
كۆڭلۈمنى