ENBIRIM - 馨香如你

Lyrics: KamalAbliz Music: KamalAbliz Arranger: KamalAbliz/murat-musa كەلگەن مىنىڭ ئىمكانىم بول پەقەت مىنىڭ يالغۇز پىنھانىم بول ياكى كۈلكەم يا پىغانىم بول يوقتۇر نىدا ئۆلسىدى گەر بىدار بولسىدى بىر دىدار پەقەت بىر دىدار ئەي دىلدار ئەنبىرىم ! خۇش بۇيۇڭغا مەس دىلىم پەقەت بىرلا پەقەت بىرلا سەن بىرىم ئەنبىرىم! چۈشمەس ئەسلا باشقىغا كۆز قىرىم پەقەت سەنلا پەقەت سەنلا ماس خىلىم ئېي گۈزەل پەرىشتەم سەنكى بىغۇباردۇرسەن گۈزەللىكتە پەرىشتە نەكى سەندەك پەرىشتە ئىقلىم ۋەياكى ئەرىشتە بىھاجەت جامالىڭ پەرۋىشكە چۈنكى جاھاننىڭ كۆركەملىكىدۇر سېنىڭدىن سىرغىغان ئەۋرىشكە كۆزۈم ئەما بولسىمۇ سېنى ھېس قىلىمەن تۈمەن چېمەننى ئىلغىماي تۇرۇپ زەررىچە مېھرىڭدىلا ئېرىپ تۈگەيمەن قۇياش نۇرىدىمۇ ئىللىماي تۇرۇپ قەرەل داۋام يىللار ئاي بولۇپ لىك تا ھازىرغىچە ساڭا سۈپىتىم ئاجىز مەن تىلغا باي تۇرۇپ مەيلى ھۆسنى گۈلىستاندىن يا قەھىر زىمىستاندىن دۇنيانىڭ ھەللىرىگە دات، پەقەتلا سېنىڭدىن ھوزۇرلۇق ھېس ئالدىم ئىشقىمدا تەسەللىي يوق جاھان زور مىسالدىن مۇردىمەن سېنىڭسىز ۋىسالدىن كۆڭلۈم ئېلىنماس سېنىڭسىز مىسقالدىن نىداھىمنى ئەيلەش ۋەجىدىن يۈرەكنى يارغۇدەك بولۇپ مەن سەندەك سىياقنى كۆرەلمىدىم ھېچ قارغۇدەك بولۇپ مەن ئىككى ئوربىتا ئارىمىز بولسا پىغانىمدا ئاھ ئۇرۇپ مەن يېنىڭغا ئېزىپ-كېزىپ بارغۇدەك بولۇپ مەن ئەنبىرىم ! خۇش بۇيۇڭغا مەس دىلىم پەقەت بىرلا پەقەت بىرلا سەن بىرىم ئەنبىرىم! چۈشمەس ئەسلا باشقىغا كۆز قىرىم پەقەت سەنلا پەقەت سەنلا ماس خىلىم