Lyrics: 大狼Muzis
Music: 大狼Muzis
Arranger: 大狼Muzis
جېنىم قالدى پەقەت چىقمىغان,
ياش ئوتتۇزغا ئۇلاشماي تۇرۇپ,
كۈلگىنىمدىن كۆپ بولدى ھەسرەت,
تۇرمۇش ئۈچۈن كۆردۇم ھەممىنى,
جېنىم قالدى چىقمىغان پەقەت,
بىرنى تاپساق بىرنىڭ غېمى,
ھايات مىنى سىندى رەت رەت,
چاندۇرماستىن يۈرگىنىم بىلەن,
جېنىم قالدى چىقمىغان پەقەت,
ئۈمىد كۈتكەن مىسكىن دىلىمغا,
ئىشەنگەنلەر سېلىپ كەتتى دەرىت,
قايناپتىمەن تالاي قازاندا,
جېنىم قالدى چىقمىغان پەقەت,
چاۋاك چالدى ئۇتۇق قازانسام,
بۇلۇپ كەتتى يىقىلسام غەيۋەت,
ئەجەپ تەس ئىكەن ياشىماق دىگەن,
جېنىم قالدى چىقمىغان پەقەت。