Lyrics: Mahmudjan Xoja Umidwar
Music: Tohti Sabir
يار بىلمىدى
سۆزى : مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
مۇزىكىسى : توختى سابىر
ئەزدى مېنى بىر يار سەۋداسى
قانداق قىلاي ئاشىق كۆڭلۈمنى
ئاڭلانمىدى مەشۇق نىداسى
يار بىلمىدى مېنىڭ سۆيگۈمنى
ۋىسال ئىزلەپ ۋەيرانە يۈردۈم
غەمكىن تۇرۇپ، زورىغا كۈلدۈم
مىڭ تىرىلپ، مىڭ قېتىم ئۆلدۈم
يار بىلمىدى مېنىڭ سۆيگۈمنى
چىن مۇھەببەت ئۆرتەر جانىمنى
دوست – يارەنلەر كۆردى ھالىمنى
سېغىنساممۇ كۈندە يارىمنى
يار بىلمىدى لېكىن سۆيگۈمنى
چۈشۈمدىلا مەشۇق ۋەسلى بار
چىرايىمدا كۈزنىڭ رەڭگى بار
يۈرىكىمنىڭ پۈتمەس دەردى بار
يار بىلمىدى مېنىڭ سۆيگۈمنى
تېكىست تەرجىمە قىلغۇچى : نىجات مەمەت