Lyrics: omran-halmurat
Music: omran-halmurat
جان ئاتام ئىدىڭغۇ ، سەن مېنىڭ بەختىم .
بۇ ھايات بېغىدا شادلىقىم تەختىم
مەن ئۈچۈن بارىڭنى قىلغانتىڭ . تەغدىم .
جان ئاتا ئىنتىزار بولدۇم ، مېھرىڭگە .
سەن بىلەن ئاسمانغا . تاقاشقان . بېشىم .
سەن بولغاچ ئاقمىغان . بىر تامچە يېشم
سەن كەتتىڭ ، قايغۇدا . ئىگىلىدى ، بېشىم ،
جان ئاتا ئىنتىزار بولدۇم ، مېھرىڭگە .
يۆلەنسەم تاغلاردەك . يۆلىكىم ئىدىڭ .
ئۆركەشلىك دەريادا كۆۋرۈگۈم ئىدىڭ .
شادلىقىم غۇرۇرۇم سۇلتانىم ، ئىدىڭ .
جان ئاتا ئىنتىزار بولدۇم ، مېھرىڭگە .