Music: Helil Mijit
Arranger: Imron Yusup
كۆز ئاچسام يېنىمدا زەبەردەس قامەت،
我第一眼看到的魁伟
ئەللەيلەپ چوڭ قىلغان قوپال مۇھەببەت.
宠爱我养大的粗鲁的男人
ۋە لېكىن باغرىدۇر شۇنچىكى راھەت،
但是胸怀舒服和温暖
جان ئاتا سىز ماڭا ھەدىيە،ئامەت.
父亲你就是女儿的幸福
دادىسى:
سىز بىلەن ھاياتقا كىرگەن يېڭى تەم،
因为有你爸从不孤独
سىز بىلەن ئۇنتۇلغان ئۆتمۈشتىكى غەم.
因为有你爸可以熬过一切
نە ئازاب،نە جاپا ئۆزىڭىز مەلھەم،
因为有你爸重新做了自己
جان بالام سىز مېنىڭ ئوماق پەرىشتەم.
可爱的女儿我的天使
قىزى:
ئاتامنىڭ سۆزى ئۇ ئەقلىمنىڭ كۆزى،
父亲名言 是我的尊严
دادىسى:
قىزىمدۇر قەلبىمنىڭ چولپان يۇلتۇزى.
女儿的眼睛是我的星星
قىزى:
ئاتامغا ئاتالغان بارچە ئېھتىرام،
女儿的心中父亲就是最伟人
دادىسى:
كۆز نۇرۇم،ھاياتىم،بەختىمسىز بالام.
父亲的拥抱永远属于你
قىزى:
ئاتا دەپ توۋلىسام ئېگىز تاغلارغا،
望着高山呼喊你的名字
تاغلارمۇ سالامغا كەلدى ئاتامغا.
高山立马为你敬礼
يۈرىكى ئوخشايدۇ گويا گۈلخانغا،
你的心仿佛是红红的篝火
مۈشكۈلدە ھەمراھدۇر ماڭا ، ئانامغا.
你是母亲的幸福感
دادىسى:
ئۈمىدتە يىراققا باقار كۆزلىرىم،
你就是我的未来
مىراستۇر چۆچىكىم ھەمدە سۆزلىرىم.
我为你而骄傲
سىلەر بار مەنزىلگە يېتەر ئارمىنىم ،
有你们在父亲没有痛
خۇشاللىق ئەلچىسى ئوماق باللىرىم.
你们是父亲的开心果
قىزى:
ئاتامنىڭ سۆزى ئۇ ئەقلىمنىڭ كۆزى،
父亲名言 是我的尊严
دادىسى:
قىزىمدۇر قەلبىمنىڭ چولپان يۇلتۇزى.
女儿的眼睛是我的星星
قىزى:
ئاتامغا ئاتالغان بارچە ئېھتىرام،
女儿的心中父亲就是最伟人
دادىسى:
كۆز نۇرۇم،ھاياتىم،بەختىمسىز بالام.
父亲的拥抱永远属于你