ئاينىڭ ئاي كۈنى سىزدە
ئاي قاراڭغۇسى بىزدە
ئاي قاراڭغۇسى بىزدە
بەش ئالتە زامان بولدى
كۆيۈپ يۈرىمەن مەن سىزگە
بەش ئالتە زامان بولدى
كۆيۈپ يۈرىمەن مەن سىزگە
ئوينايلى گۈزەل باغدا
بۇ بەختىيار چاغلاردا
بۇ خۇشاللىق چاغلاردا
ئوينايلى گۈزەل باغدا
بۇ بەختىيار چاغلاردا
بۇ خۇشاللىق چاغلاردا
مەن بېغىڭغا كىرمەيمەن شېرىنجان جانىما
ئانارىڭنى ئۈزمەيمەن شېرىنجان جانىما
ئەمدى كەلدىم ئەقلىمگە شېرىنجان جانىما
نادان بىلەن يۈرمەيمەن شېرىنجان جانىما
ئالما ئاتتىم دەرياغا شېرىنجان جانىما
لەيلىۋېلىپ چۆكمەيدۇ شېرىنجان جانىما
سەن يارىمنىڭ ئوتلىرى شېرىنجان جانىما
يالقۇنلايدۇ ئۆچمەيدۇ شېرىنجان جانىم
گۈل ئېچىلدى ئۇ ياقتا بۇلبۇل سايرار بۇياقتا
گۈل ئېچىلدى ئۇ ياقتا بۇلبۇل سايرار بۇياقتا
يا ئۆزۈڭ يوق سۆزۈڭ يوق سەن نېمانچە يىراقتا
يا ئۆزۈڭ يوق سۆزۈڭ يوق سەن نېمانچە يىراقتا
دەستە-دەستە گۈل دەستە ھەر كىم ھەر خىل ھەۋەستە
ئا ھەر كىم ھەر خىل ھەۋەستە
سېغىنغاندا كەلمەيسەن سەن نېمانچە بىخەستە
سېغىنغاندا كەلمەيسەن سەن نېمانچە بىخەستە
سېنىڭ مەنۇ سېنىڭ مەن سېنىڭ بولماي كىمنىڭ مەن
سېنىڭ مەنۇ سېنىڭ مەن سېنىڭ بولماي كىمنىڭ مەن
گۈلچىنىڭ بازىرىدىن تاللىۋالغان گۈلۈڭ مەن بالا
شەھەرلىرىڭدە ئوينايلى
گۈلچىنىڭ بازىرىدىن تاللىۋالغان گۈلۈڭ مەن بالا
شەھەرلىرىڭدە ئوينايلى
ئۆردەك كۆرسەڭ ئېتىۋال بۇلبۇل كۆرسەڭ سېتىۋال
ئۆردەك كۆرسەڭ ئېتىۋال بۇلبۇل كۆرسەڭ سېتىۋال
سېغىنغاندا كۆرەرسەن سۈرىتىمنى تارتىۋال بالا
شەھەرلىرىڭدە ئوينايلى
سېغىنغاندا كۆرەرسەن سۈرىتىمنى تارتىۋال بالا
شەھەرلىرىڭدە ئوينايلى
شەھەرلىرىڭدە ئوينايلى