Lyrics: amatjan kurban
Music: ablat ablekim
نىگارىمسەن
نىگار ئىشقىڭدا مەن سەۋدا
ئۆتەر بۇ كۈنلىرىم دەرتتە
نىگار ئىشقىڭدا مەن سەۋدا
ئۆتەر بۇ كۈنلىرىم دەرتتە
ۋىسال دەشتىڭدە كارۋانمەن
يۈرەك باغرىم بۇلۇپ لەختە
ۋىسال دەشتىڭدە كارۋانمەن
يۈرەك باغرىم بۇلۇپ لەختە
ئەي نىگارىمسەن ئەي جانانىمسەن
ئەي نىگارىمسەن ئەي جانانىمسەن
رىيازەت چەكمىسە ئاشىق
ۋىسال قانداق قۇچاق ئاچقاي
رىيازەت چەكمىسە ئاشىق
ۋىسال قانداق قۇچاق ئاچقاي
ساداقەت باغىدا گۈللەر
سۆيگۈدەك خۇش پۇراق چاچقاي
ساداقەت باغىدا گۈللەر
سۆيگۈدەك خۇش پۇراق چاچقاي
ئەي نىگارىمسەن ئەي جانانىمسەن
ئەي نىگارىمسەن ئەي جانانىمسەن
زالالەت يەتمىسە دىلغا
ۋاپا گۈلشەنى ياشنايدۇ
ۋاپا گۈلشەنى ياشنايدۇ
گۈزەل ئارزۇ ئۈمۈد بىزنى
ھايات قوينىغا باشلايدۇ
گۈزەل ئارزۇ ئۈمۈد بىزنى
ھايات قوينىغا باشلايدۇ
ئەي نىگارىمسەن ئەي جانانىمسەن
ئەي نىگارىمسەن ئەي جانانىمسەن
ئەي نىگارىمسەن ئەي جانانىمسەن
ئەي نىگارىمسەن ئەي جانانىمسەن
歌词贡献者:AbduSaLaM SuLaYman