Yulangum Kaldi

Lyrics: Anwar Yasin Sarwaz Music: ئەسلەپ قالدىم بالىلىقىمنى بۆشۈكۈمگە يۆلەنگۈم كەلدى قۇچاقىدا پۇراپ ئانامنى مۆرىسىگە يۆلەنگۈم كەلدى مېھرى بىلەن سىلاپ بېشمنى تەڭ يىغلىغان سۈرتۈپ يېشىمنى تۆكۈپ دەردىم ، بارچە سىرىمنى قۇچاقىدا ئۇخلىغۇم كەلدى زەپ سېغىندىم جېنىم ئانامنى ئوتتا كۆيۈپ ياققان ئاق ناننى قوللىرىدا ئەتكەن تائامنى تەڭ ئولتۇرۇپ ھەم يىگۈم كەلدى ئەسلەپ بىرگە ئۆتكەن كۈنۈمنى خىيال قىلىپ يۇمۇپ كۆزۈمنى قويۇپ بېرىپ بارچە ئۈنۈمنى جان ئانا دەپ توۋلىغۇم كەلدى