Music: Hoji Matkurban
ئەي ئايال بىر دەستە گۈلسەن پۇراقلىق،
چاچىسەن زېمىنغا ئىپارۇ -ئەنبەر.
ۋىسالىڭ ئىشقىدا كۆيەر ھەمراھىڭ،
ئوتلۇق شۇ كۆزلىرىڭ يۇمۇلغان قەدەر.
ئەي ئايال بىر باغسەن جانغا شىپالىق،
سۇلمايدۇ چېچەكلەر سېنىڭ باغرىڭدا.
ئۇسسىغان چۆللەرگە تېرىيسەن سۆيگۈ،
ئەجىردە قونسىمۇ قىروۋ چېچىڭغا.
ئەي ئايال ناخشىسەن شۇنچە يېقىملىق،
يۈرەكنى لەرزىگە سالار كۈيلىرىڭ.
سەن بىر گۈزەل شىئىرسەن ئاشىقچۈن،
لىققىدە ھىدى بار چىن سۆيگۈلەرنىڭ.
ئەي ئايال سەن يەنە سۆيگۈ دەرياسى،
مېھىرنىڭ تەپتىدە ئۇلۇغ بىر گۈلخان.
تىنىمسىز تۆكىسەن ئاچچىق تەرلەرنى،
ئەجرىڭدە چۆللەرمۇ بولۇر گۈلىستان.
ئەي ئايال سەن بالا ئۈچۈن بىر ئالەم،
بېرىسەن جىسمىڭدىن بارچە كۈچ-قۇۋۋەت.
بال تېتار سەن ئەتكەن ئاددىي تائاممۇ ،
سەن بىلەن ئولۇغدىن ئولۇغ مۇھەببەت ،
女人
女人啊,您如一束花带着清香,
弥漫大地诱人花香,
您的伴侣为您朝思暮想,
您的双眸如此迷人流光。
.
女人啊,你如花园般治愈,
在您怀里,花开不败,
您为荒地种出爱情,
虽一生辛苦 两鬓发白。
女人啊,你如一首歌温暖岁月
您的曲震撼心灵
你是一首美丽的诗歌
充满气息,藏着真爱
女人啊,你如一个爱河
爱的照耀下像一团篝火
一生奔波 默默流汗
因你荒漠开满花朵
女人啊, 你是孩子的整个世界,
你是他一生的爱与力量,
平凡的三餐因你而美味,
爱因你而伟大,更伟大。