Aq Haraq

Lyrics: KOZ/MESHEL/Haksar Music: Inter/MESHEL/KOZ/Haksar Arranger: MESHEL/KOZ/Haksar ئاق ھاراق ، بۇ سەسكەنمەس پۇراق ئەي ،ئۇھف پۇراق ، يانماي ئىچىمىز  بىراق ئاق ھاراق ، بۇ سەسكەنمەس پۇراق ئەي ،ئۇھف پۇراق ، يانماي ئىچىمىز  بىراق ئىستاكاندا لىق ھاراق باشلاندى سورۇن . ئۈستەلدە نازۇ نېمەت تەييار بولدى قورۇما . ئاغىنەمنىڭ بىرسى كەلمىدى قالدۇرۇپ قوياي ئورۇن . مەستلىكىمدە تۇيۇلدى بۇ كېچە ئۇزۇن . ئىچسەك ئىچسەك تۈگىمىدى . ئىچىپتىمىز . بەش كىلو . سورۇندا كۆرۈنۈش كۆرۈندى ماز كىنو . دېدى ئەدەپ ئوبۇرنىگە مېڭىشلىرى لەپپەڭ . قۇسۇپ كىرىپ يانماي يەنە ئىچەي دېسە ھە دەڭ . ھاجەتخانىدىن قايتىپ كېلىپ دېدى ئاداش ئىچى . ئۇسساپ كەتتىم نۆۋەت كەلدىمۇ ماڭا بىرنى قۇشى . نۆۋەت كىمدە رومكىنى بېرە . كەينىدىن بەش رومكا ھۆرمىتىگە ئىچە ئىچكىنىمىز زەپەر ئەمەس ، ئىچكىنىمىز ھاراق . زابويلارغا كۆنۈپ كەتتى سەسكەلمەس پۇراق . كوچىدا چىراغ يانماپتۇ ، بىراق . مەس بولسام تاپالمايمەن ئۆيۈم يىراق . ئۆيۈم نەدە زادى قايسى مەھەللە خوتۇن كېلە ، مېنى يۆلەپ كىتە مەستلىكىمدىن يېشىلگەندە ناۋات ، ھەسەل چاي دەملەپ بېرە ئاق ھاراق ، بۇ سەسكەنمەس پۇراق ئەي ،ئۇھف پۇراق ، يانماي ئىچىمىز  بىراق ئاق ھاراق ، بۇ سەسكەنمەس پۇراق ئەي ،ئۇھف پۇراق ، يانماي ئىچىمىز  بىراق ھاراق دېگەن ، پادىشاھ قىلمايدۇ مەست قىلىدۇ . خالىساڭ تالادا ئۇخلايدىغان پەس قىلىدۇ . ئەتىسى ئىش خوش ياقماي پۇل تاپماقنى تەس قىلىدۇ . ئىككى رومكا ئارتۇق كەتسە خوتۇن كۆڭۈلنى غەش قىلىدۇ . ئاخشام ئىككى رومكا ئارتۇق كەتكەن چېغى بار . مۇناسىۋەتنى قويۇق قىلىمىز دەپ كىردۇق ھاراق بېغىغا . ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن ئىچىپ ، تونۇمايدىغان بىلەن ئاغىنە بولۇپ گاھىدا قېرى ، گاھىدا تۇغۇلمىغان ھامىلە بولۇپ . پاراڭ قىزىق تېخى بالىلار تەڭشىلىپ قالغان چېغى سورۇن . خېلى ئۇزۇن داۋام ئەتتى تۈگەپ كەتتى قورۇم . بولدى دېسەك ئۇنىماي بىرسى ئېسىلىۋالدى رومكىغا . ئېغىزىدا دەيدۇ يەنە قېنى ھاراق قېنى . بىز ھاراقكەش ئەمەس ، ھاراقنىڭ بىزگىمۇ مەيلى بار . ئۈچ تۆت رومكا ئارتۇق كەتسە ياندۇرۇپ قويىدىغان پەيلى بار . ئىشقىلىپ ھەممىسى مەس كۆرۈنىدۇ تەڭشىلىپ قالغان چېغى بار . ماۋۇ سورۇننى ئاخىرلاشتۇرۇپ كېتەيلى خەقنىڭ بېغىغا . ئاق ھاراق ، بۇ سەسكەنمەس پۇراق ئەي ،ئۇھف پۇراق ، يانماي ئىچىمىز  بىراق ئاق ھاراق ، بۇ سەسكەنمەس پۇراق ئەي ،ئۇھف پۇراق ، يانماي ئىچىمىز  بىراق