Lyrics: Bfourr-
Music: Bfourr-
Arranger: Bfourr-
سېنىڭ بۇلاقتەك كۆزلىرىڭ نۇرلۇق يۇلتۇزدەك چاقنايدۇ ، ماڭىلا يىراقتا.
سەن پەرۋانەم ئاسماندا ئۇچۇپ ھارغاندا ، كېلىپ قون ، مەندەك بىر چىراغقا.
ئارزۇيۇم سەن بىلەن
يەنە بۇ ئارزۇيۇم
تاتلىق بىر تەم بىلەن.
ئېسىمدە مەھەللەڭگە ئاز قالغاندا قويۇۋېتىڭ قولۇمنى سەن ئەنسىرەتتىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن.
ساقلايتتىم كىرىپ كەتكۈچە ئۆيۈڭنىڭ ئالدىدا مەن قارايتتىڭ ، ئارقاڭغا يەنە قورقۇپ چېنىپ قېلىشىدىن.
بۇ بەلكىم ساداقەتنىڭ كۈچى ئاسىيلىقنىڭ ئاجىزلىقى ، مەنمۇ ئەنسىرەيتتىم سەندىن ئايرىلىشتن
نېمىنى بەخىت دەيمىز دەپ سورىساڭ ، بەلكىم مەندىن سېنىڭ تاتلىق كۈلۈشۈڭ دەپ بىرلا جاۋاب بېرىشىمدىن.
مەن نۇرغۇنلىغان ئىشنى خاتا قىلدىم ، كۆڭلۈڭمۇ نۇرغۇنلىغان ئازارلارنى بەرگەندىمە ،
مەن نۇرغۇنلىغان ئىشنى ئادا قىلدىم دەپ ئويلايمەن ، كۆڭۈل بېغىڭغا مۇھەببەت تەرگەندىمەن.
مەن كېسىپ ئېيتالايمەن ، سەن بىر ياخشى قىز تەقەززا . مەن توي كۆينەكنى كىيىشىڭگە ،
مېنىڭچە مەنمۇ ئۇنچە ناچار ئەمەس ، مۇناسىپ قارا كاستۇمنى كىيىپ سېنىڭ يېنىڭدا تۇرۇشۇمگە.
سېنىڭ بۇلاقتەك كۆزلىرىڭ نۇرلۇق يۇلتۇزدەك چاقنايدۇ ، ماڭىلا يىراقتا.
سەن پەرۋانەم ئاسماندا ئۇچۇپ ھارغاندا ، كېلىپ قون ، مەندەك بىر چىراغقا.
ئارزۇيۇم سەن بىلەن
يەنە بۇ ئارزۇيۇم
تاتلىق بىر تەم بىلەن.
بەكمۇ قىسقا يېزىلغانمۇ يا مۇھەببەت ھېكايىمىز ، ئەمدى ئۇلاشقان كۇلكە چىرايىمىزمۇ.
ئايرىلايلى دەپ يېزىپسەن تۇرۇپ قالدىم ، شۇ ئاخشىمى ھەتا بىلمەي ساڭا نېمىلەرنى دېيىشىمنىمۇ.
ئويلاپ بولغان ، ھەتتا كېلەر قېتىم قايسى كىيىم كىيىپ ، نېمە سوۋغاتلارنى بېرىشىمنىمۇ.
گەرچە بەرگەن سوۋغىتىم ئاددى بولسىمۇ ، راستچىللىق ھە مۇھەببىتىم شۇنىڭ ئىچىگە نۇرغۇن مەنا يوشۇرۇنغانىدىغۇ.
مەندىن كەتكەن يەرلىرى كۆپ بولسىمۇ مەيلى
بارچە سەۋەنلىكنى ئۈستۈمگە ئالدىمغۇ دەيلى
نۇقسانسىز ئادەم بولماس ، گەپ ئۆزگىرىشتە پەقەت ئۆزگەرتسەممۇ كەچۈرۈشكە يوقكەن ، ئۇنتۇ پەيلى.
ۋاقتىڭنى ماڭا ئىسراپ قىلما دەپ سەن
ئۆز كۆڭلۈڭنى دەپسەن ،
مەن يەتتە يەرگە يەكسان بولدۇم ،
سەن غېمىمنى يەمسەن
قولۇڭدىكى گۈلدەستە مېنى ئىزدەپ كەپسە
ئەسلى بۇ بىر چۈشۈمكەنتۇق ، ئويغاندىم مەن تەستە
سېنىڭ بۇلاقتەك كۆزلىرىڭ نۇرلۇق يۇلتۇزدەك چاقنايدۇ ، ماڭىلا يىراقتا.
سەن پەرۋانەم ئاسماندا ئۇچۇپ ھارغاندا ، كېلىپ قون ، مەندەك بىر چىراغقا.
ئارزۇيۇم سەن بىلەن
يەنە بۇ ئارزۇيۇم
تاتلىق بىر تەم بىلەن.