Kizil Gul

 قىزىل گۈل ئېچىلمامدۇ  شاخ شاخىغا يەتكەندە  قەدرىمىز ئۆتۈلمەمدۇ  بىز بۇ يەردىن كەتكەندە.   ئات مىندىم ئىگەر بىلەن  چاپتۇردۇم يۈگەن بىلەن  مەن ساڭا كۆيۈپ قالدىم  سەن بىلمەي يۈرگەن بىلەن.   قىزىلگۈل تارام تارام  ئۈستىدە شەبنەم قاراڭ.   يار دېگەن كۆڭۈل خۇشى  تېپىلمايدۇ ئاتا ئاناڭ.