Lyrics: Tohti Sabir
Music: Tohti Sabir
Arranger: Abdulla Bekri
ئانا يىغلار
كۆڭلۈم قالسا بۇلبۇلدىن ھەم گۈلدىن ھەم
قالار بولسام بىر كۈن ئاخىر تىلدىن ھەم
ئەگەر بىر زات يىغلىسا چىن دىلدىن ھەم
ئانا يىغلار، ئانا يىغلار، ئانا ئۇ
سىغماي قالسام شۇنداق كەڭ بۇ جاھانە
ئاسمانلارغا روھىم بولسا راۋانە
جانسىز تېنىم ئۈستىدە ھەم پەرۋانە
ئانا يىغلار، ئانا يىغلار، ئانا ئۇ
سۇنار بولسا قولۇمدىكى تار، دۇنيا
ئۈچ كۈن ئۆتمەي ئۇنۇتقاي دوست - يار، دۇنيا
يەرۇ كۆكنى تىترىتىپ زار - زار، دۇنيا
ئانا يىغلار، ئانا يىغلار، ئانا ئۇ
گۈلدەك كۈلۈپ يۈرمەسمىدى «ئوغلۇم» دەپ
كۆرۈپ كۆڭلى تولماسمىدى «ئوغلۇم» دەپ
«ئاناڭ ئۆلسە بولماسمىدى، ئوغلۇم» دەپ
ئانا يىغلار، ئانا يىغلار، ئانا ئۇ
تېكست تەرجىمە قىلغۇچى:نىجات مەمەت