Lyrics: Alimjan Mamtimin
Music: Alimjan Mamtimin
بىلمىدىڭ سەن پاك سۆيگۈمنى
خارلىدىڭ سەن چىن ئەقىدەمنى
تاشلاپ مىنى سۆيدۈڭ باشقىنى
ئەمدى ئۇنتۇپ كىتەي مەن سىنى
مەندىن ئەزىز كۆردۈڭ باشقىنى
مەڭگۈلۈككە ئۇنتۇپ ھەممىنى
سىنى مەندىن كەچكۈزگەن يارىڭ
مەن سۆيگەندەك سۆيدىمۇ سىنى
كۆڭۈل سوراپ كەپسەن يىنىمغا
باشقىلاردىن بولۇپ ئاشقىنى
كۆڭۈل بىرەي دىسەممۇ ساڭا
يول قويمايدۇ ۋىجدانىم ماڭا
مەندىن ئەزىز كۆردۈڭ باشقىنى
مەڭگۈلۈككە ئۇنتۇپ ھەممىنى
سىنى مەندىن كەچكۈزگەن يارىڭ
مەن سۆيگەندەك سۆيدىمۇ سىنى