قىزىل گۈللەر ئېچىلىپتۇ يازنىڭ ۋاقتىدا .
بارچە گۈللەر ئېچىلىپتۇ يازنىڭ ۋاقتىدا,
ئىككى قۇدا توي قىلىپتۇ يازنىڭ ۋاقتىدا .
ئىككى بالا ئولتۇرۇپتۇ ئالتۇن تاختىدا .
ئېچىلمىغان غۇنچىلانى ئېچىلسۇن دەيلى .
يېشىلمىگەن تۈگۈنلەرنى يېسۇن دەيلى.
بىرى گۆھەر بىر زەپەر مۇبارەك بولسۇن,
ئىككى قۇدا بىر بولغاندا ئايرىلماس بولسۇن .
ئىككى يۇلتۇز قوشۇلىپتۇ بىر كۈنى مۇشۇنداق .
قان قېرىنداش يىغىلىپتۇ شادلىقتا قايناپ,
سازەندىلار قوللىرىدا دۇتار ۋە راۋا .
توي ناخشىسى ئېيتىپتۇ مەشرەپتە قايناپ .