Arranger: Dilshat Ghopur
پاۋۇز : ئەنۋەرجان مەمەت
راۋاپ : روزى جۈمە
مۇزىكا ئۈنۈملىگۈچى : دىلشات غوپۇر
قارا – قارايەي قارا – قارادۇر
ئىيتتىم بويىنى يەي بوينى ئالادۇر
يار – يارەي ، يار – يارەي
ئىيتتىم بويىنى يەي بوينى ئالادۇر
يار – يارەي ، يار – يارەي
يار ئىشقى يەي ۋاي يامان ئىكەن
كۆيەر ئوتتا يەي ئوتقا سالادۇر
MUSIC
قارا – قارايەي قارا – قارادۇر
يۈرەك باغرىمنى باغرىم يارادۇر
يار – يارەي ، يار – يارەي
يۈرەك باغرىمنى باغرىم يارادۇر
يار – يارەي ، يار – يارەي
ساقايتمىسا يەي ۋاي يار ئۆزى
ياردىن كۆڭلۈم كۆڭلۈم قالادۇر
MUSIC
ھاۋادىكى ئۈچ ئۆردەك ، ئۆرگىلىمەن
ئۈچىلىسى بىر خىلدەك
ھاۋادىكى ئۈچ ئۆردەك ، ئۆرگىلىمەن
ئۈچىلىسى بىر خىلدەك
قەشقەرنىڭ گۈزەللىرى ، ئۆرگىلىمەن
ئېچىلغان قىزىل گۈلدەك
قەشقەرنىڭ سەتەڭلىرى ، ئۆرگىلىمەن
ئېچىلغان قىزىل گۈلدەك
MUSIC
ھاۋانىڭ تۇمانلىرى ، ئۆرگىلىمەن
يامغۇرنىڭ تۇمانلىرى
ھاۋانىڭ تۇمانلىرى ، ئۆرگىلىمەن
يامغۇرنىڭ تۇمانلىرى
سۇ دېسەم لىقلاپ بەرگەن ، ئۆرگىلىمەن
قەشقەرنىڭ گۈزەللىرى
سۇ دېسەم لىقلاپ بەرگەن ، ئۆرگىلىمەن
قەشقەرنىڭ سەتەڭلىرى
قەشقەرنىڭ گۈزەللىرى