izdixayli

Music: Adiljan-Mahat Arranger: Adiljan-Mahat ئىزدىشەيلى ئاسان ئەمەس ھەركىمگە ياشاش، تۇرمۇش ئۈچۈن چاپتۇق ئالدىراش، يىراقلىشىپ بولماي باغرى تاش . ئىزدىشەيلى تۇغقان قېرىنداش . ئىزدەشمىسەك بولماس كارىمىز، كۆرۈشكەندە قالماس ھالىمىز . تونۇشمايدۇ ھەتتا بالىمىز، ئىزدىشەيلى تۇغقان قېرىنداش . يەرگە بىر كۈن چۈشەر ئۇچقانمۇ، قايتىپ كېلەر ئۆيدىن چىققانمۇ . ئەسقاتىدۇ يامان تۇغقانمۇ . ئىزدىشەيلى تۇغقان قېرىنداش . قەلبىمىزگە مېھرى تولدۇرۇپ، چاي ئىچەيلى بىرگە ئولتۇرۇپ. ياتلاشمايلى قېرىنداش تۇرۇپ، ئىزدىشەيلى تۇغقان قېرىنداش .