Baharga Ohxaysiz Ana

گۈلدىن گۈزەل، گۈلدىن خۇشپۇراق. نەۋ باھاغا ئوخشايسىز ئانا. سۆيگۈ پارلاپ تۇرغان چېھرىمدە شامال بولۇپ توختايسىز ئانا. مۇھەببەت بىر ئاجايىپ دۇنيا. كۈيچىلەردەك سايرايسىز ئانا. چېھرىمدىكى بەخت كۈلكەمگە. ئاسمان بولۇپ قارايسىز، ئانا. قۇياش بولۇپ پەقەت مەن ئۈچۈن. كۆيۈپ مەڭگۈ ئۆچمەس سىز ئانا. يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن. ئۇيۇلتاشتەك تەشتەك كۆچمەيسىز ئانا.