turmux-(生活)

بۇ تۇرمۇش ئىش كۆرمىگەن نادالىرىڭ يىراق تۇر چوڭ سۆزلىسەڭ مەن بىر كۆرەي تۇرمۇش قۇر بىزمۇ بىر چاغ شىردەك ئەرتۇق بەكلا زور قەددىمىز ئىگىۋەتتى بۇ تۇرمۇش توققۇز ئەرنىڭ ئىچىدىكى بىرىتۇق ئاقماس ئىشتىن بىزمۇ شۇچاغ نېرىتۇق مانا چاشتا ئاق ئوينى قېرىدۇق خۇددى مىختەك قېقىۋەتتى بۇ تۇرمۇش مەيدەم ئۇرۇپ ئەر دىيىشنى ئۆگەتتى ئەجىر قىلىپ تەر دىيىشنى ئۆگەتتى ھەر جاپاغا خەر دىيىشنى ئۆگەتتى يانپىچىگە ئېلىۋەتتى بۇ تۇرمۇش ھازىر سىنىڭ ئۇچۇپ يۈرگەن چاغلىرىڭ چقىلغاندا شاق توق تايسە خامىلرىڭ كۈندە سۇنماس بىر كۈن سۇنا جاملىرىڭ ساراڭنىمۇ ساق قىلۋەتتى بۇ تۇرمۇش