QaTMa Juxkun Kuylar

مەن يارىمنى كۆرگەن چاغدا كۆينەكى چاقماق ئىدى چاقماق كۆينەك كىيگەن ئاشۇ مېنىڭ يارىم  چاقچاقچى بالا ئىدى مەن يارىمنى كۆرگەن چاغدا كۆينىگى قارا ئىدى قارا كۆينەك كەيگەن ئاشۇ مېنىڭ يارىم قارا قاش بالا ئىدى شوپۇر بالىلار ھەيدەيدىكەن ماشىنىنى تۇتۇۋاپتۇ داشۆسىڭدىن قىزلارنى داشۆسىڭلار يارىتارمۇ بىزدەك بالىلارنى  مەنمۇ تۇتاي داشۆسىڭدىن يىگىتلەرنى بىر باشىمغا ئىككى شەپكىنى كەيگىلى بولمايدۇ بىر ۋاقىتتا ئىككى يارنى سۆيگىلى بولمايدۇ بىر كۆڭۈلنى نەچچىگە بۆلگىلى بولمايدۇ ئۆز يارىنى باشقىغا بەرگىلى بولمايدۇ ئامرىقىم سېنى بار دەپ  بېرىپ مەھەللەڭدە ئوينايمەن. مەھەللەڭدە كۆرەنمىسەڭ تاڭ ئاتقۇچە كەتمەيمەن. سەندىن باشقا سەندىن باشقا سەندىن باشقا يارىم يوق.