Soyguperes

Lyrics: Tohti Sabir Music: Tohti Sabir ئاشىقتۇرمەن، تەلۋە ئەمەس مەن باغرىم كۆيەر، ئاتەش نەپەس مەن مەن ياشىدىم سېنى ياد ئېتىپ بۇ دۇنيادا سۆيگۈپەرەس مەن سەنسىز ياشاش مەن ئۈچۈن مۈشكۈل بىر ساڭىلا باغلاندى كۆڭۈل مېنىڭ ئۆمرۈم ساڭا مەنسۇپ گۈل بۇ دۇنيادا سۆيگۈپەرەس مەن مىڭ ناخشام بار مېھىردىن پۈتكەن ھەر مىسرادا بىر سېنى كۈتكەن مىڭ ناخشام بار مېھىردىن پۈتكەن ھەر مىسرادا بىر سېنى كۈتكەن مەن ئىسمىڭنى چاقىرىپ ئۆتكەن بۇ دۇنيادا سۆيگۈپەرەس مەن مەھەللەڭدە ئىزلىرىم قالدى دېرىزەڭدە كۆزلىرىم قالدى ئېيتالمىغان سۆزلىرىم قالدى بۇ دۇنيادا سۆيگۈپەرەس مەن قەلبىم دېڭىز، مەن مەيىن شامال سېغىنماسقا مەندە نە ئامال‎ يانلىرىمغا كەلگىن بىمالال بۇ دۇنيادا سۆيگۈپەرەس مەن