Lyrics: MahinurAhmat
Music: MahinurAhmat
Arranger: MahinurAhmat
ئاتىلار بايرىمى
ئابدۇسالام جالال توققۇزتارا
بۈگۈن كەلدى ئاتىلار بايرىمى
سېغىنىشتا ئۆرتىنىپ قالدىم
يىراقلاردا قالغان دادامنى
بۈگۈن يەنە سېغىنىپ قالدىم
مەڭگۈ كەلمەس كەتكەن دادامنى
بۈگۈن يەنە سېغىنىپ قالدىم
بۈگۈن ئاتىلار بايرىمى
جان دادامنى سېغىنىپ قالدىم
بايرىمىڭغا مۇبارەك دادا
كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش ئالدىم
مۇزىكا
يىراقتىكى تاغلارغا قاراپ
جان دادامنى ئېسىمگە ئالدىم
قاداق باسقان ئاشۇ قوللاردىن
توغراقلارنى ئېسىمگە ئالدىم
قەددى سۇنماس توغراقلارنى
جان دادامغا ئوخشاتتىم
بۈگۈن ئاتىلار بايرىمى
جان دادامنى سېغىنىپ قالدىم
بايرىمىڭغا مۇبارەك دادا
كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش ئالدىم
مۇزىكا
دېمىقىمغا ئۇرۇلدى ھېدىڭ
كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش ئالدىم
بايرىمىڭغا مۇبارەك دادا
بۈگۈن سىنى سېغىنىپ قالدىم
بايرىمىڭغا مۇبارەك دادا
بۈگۈن سىنى سېغىنىپ قالدىم
بۈگۈن ئاتىلار بايرىمى
جان دادامنى سېغىنىپ قالدىم
بايرىمىڭغا مۇبارەك دادا
كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش ئالدىم
بۈگۈن ئاتىلار بايرىمى
جان دادامنى سېغىنىپ قالدىم
بايرىمىڭغا مۇبارەك دادا
كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش ئالدىم
جان دادامنى سېغىنىپ قالدىم