Kogul Armini

Lyrics: Azmat ahmat taran Arranger: Elham Emam كۆڭلۈمدە بىر ئارمان باردۇر، ئېيتسام بولۇرمۇ بارچىگە. ئاشۇ يارنى بىر كۆرگىچە ياشىم كىرەدۇ قانچىگە؟ گۈل ئارىسى يانتاق تىكەن، ئۈزسەم تولا سانجىلاركەن، يار يولىدا مۈشكۈل باركەن ئوخشاپ قالدىم سەۋدايىگە. يار يىراقتا ئۇرسا خەندان، مەن بۇياقتا بولدۇم سەرسان، تار بىلىندى چەكسىز جاھان يېتەلمىگەچ ۋىسالىگە. ئىزلەپ كۆڭۈل رەناسىنى، تاپالمىدىم داۋاسىنى، سېغىنىشنىڭ جازاسىنى بەرمە مەندەك بىچارىگە.  ئاشىقلىقنىڭ يوق يالغانى، بارمۇ مەندەك سارغايغانى، بىر كۆرمەككە كەلدىم يارنى، ۋەسلىم ئىزلەپ مەن يانىگە. يارىم مەندىن خىجالەتتۇر، تانسام ياردىن خىيانەتتۇر. مېنىڭ ئۈچۈن سەلتەنەتتۇر، يەتسەم يارنىڭ مۇقامىگە.