Lyrics: Muhtar Bughra Music: Hoji Matkurban Arranger: Muradel Abdusalam چىمپېيون
پۇتبول دىگەنلىك ھىكايە ئەمەس ئۇچقۇر گىلەمدۇر ياپ-يىشىل چىملىق ياكى ئاجىزە پەرۋانە ئەمەس ھەربىر چولپانغا تارقىتار كىملىك
جانغا ئىرىشتۇق جاننى بىغىشلاپ يەر شارى پۇتبول بۇ دۇنيا ئويۈن ئۆز ئۆزىمىزنى يەڭسەك قايتىلاپ دەل ئاشۇ چاغدا بىزلەر چىمپېيون
(قايتۇرما) ھۇررا جايو ،غەيرەت قىل ئوغلان ھايات رەڭلىك ئۈمۈدۋار ئارمان گوۋ گوۋ ئالىي ئالىي بۇرادەر ئۆتكۈر كۆزلەردە پارلايدۇ ئىمكان
جاسارەتتىن سىرغىغان ھايات بەك جاراڭلىق تولايدۇ سۈكۈت مەيدان ئەجدىرھادەك قاقىدۇ قانات لەرزىگە كىلەر مۇلايىم ئۈمۈد
ئورمانلارنى سۇغارغان جۈپ قول يەرشارىنى ئايلاندۇرار پۇت روھىمىزدىن ئۈنگەن تەۋەككۈل پۇتبول ئۈچۈن تىترەيدۇ ھۇجۇت
(قايتۇرما) ھۇررا جايو ،غەيرەت قىل ئوغلان ھايات رەڭلىك ئۈمۈدۋار ئارمان گوۋ گوۋ ئالىي ئالىي بۇرادەر ئۆتكۈر كۆزلەردە پارلايدۇ ئىمكان