بەخىتلىكمەن كۈزۈمگە
قارايدىغان ئانام بار
مەن يىغلىسام يۈرىكى
قانايدىغان ئانام بار
مەن يىغلىسام يۈرىكى
قانايدىغان ئانام بار
مۇزلاپ كەتسەم ھاياتنىڭ جۇدۇنىدا رەھىمسىز
ئوتۇن ئۈچۈن پۇتىنى چانايدىغان ئانام بار
چانايدىغان ئانام بار
قالسام يارسىز يىگانە بولۇپ تەتۈ پىشانە
يىغلاپ تۇرۇپ ھالىمنى سورايدىغان ئانام بار
رەنجىمەيمەن ئۆزگىلەر گەر قەدرىمنى بىلمىسە
مىنى جىنىدىن ئەزىز سانايدىغان ئانام بار
مىنى جىنىدىن ئەزىز سانايدىغان ئانام بار
سانايدىغان ئانام بار
ئامرىقىمنى بەك بىلەر كۈندە بەختىمنى تىلەر
ھەممە ئىشىم كۆڭلىگە يارايدىغان ئانام بار
ھەممە ئىشىم كۆڭلىگە يارايدىغان ئانام بار
ھەر سەھەردە تىلەيمەن مەن ئانامنىڭ ئۆمرىنى
نەۋرىسىنىڭ چىچىنى تارايدىغان ئانام بار
ھەر سەھەردە تىلەيمەن مەن ئانامنىڭ ئۆمرىنى
چەۋرىسىنىڭ چىچىنى تارايدىغان ئانام بار
ئەۋرىسىنىڭ چىچىنى تاريدىغان ئانام بار
تاريدىغان ئانام