بەزىلەر ئۇچرايدۇ ئامىتىڭ بۇلۇپ
چۈشىنەر ئۇ سېنىڭ ئىچى تېشىڭنى
بەزىلەر ئۇچرايدۇ ئاپىتىڭ بۇلۇپ
كەينىڭدىن تىغ سالار سىلاپ بېشىڭنى
غەپلەتتە قويۇشنى ئويلار بەزىلەر ،
ھىساپلار ئۇخلىماي پۇل ماللىرىڭنى
سەزمەيسەن يولۇڭغا قۇرىدۇ توزاق
دوست بىلىپ بەرگەندە ئىچكى سىرىڭنى
ئاگاھ بول ئىنسانلار بەكمۇ مۇرەككەپ
ئىشەنمە قۇرۇق گەپ يالغان ۋەدىگە
تۈكۈڭنى يۇلماققا ئىزلەيدۇ پۈرسەت
كۈتىدۇ يىراقتىن كۆزۈتۈپ سېنى
سېسىتار يامان دەپ نەپ چىقمىغاندا
ئۆزىگە پايدىلىق گەپ چىقمىغاندا
ئالغان نەپەسكىچە قىلىدۇ مىننەت
قولۇڭدىن تۇز تائام يەپ چىقمىغاندا