Lyrics: Ghojimamat Muhammat
Music: Halmurat Hamit
گۈلزاردا كىپىنەك سەيلانە كۆڭلۈم
بولبۇلى غەزەلخان مەستانە كۆڭلۈم
ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا دىدى
يارغا ياماشتى مەردانە كۆڭلۈم
بىر جاننىڭ ئىچىدە مىڭ جان بار دىدى
ھەر جاننىڭ ئىچىدە گۈلخان بار دىدى
جاناننىڭ ئىچىدە جانان بار ئىدى
ئىشىققا قۇل بولۇپ مەستانە كۆڭلۈم
كۆزلەر ئاھۇسىغا چۆكتۈردى زۇمرەت ،
كىرپىكلەر ئوقياسى تەگمەكتە دەھشەت ،
چاچلارنىڭ تالىغا ئېسىلدى رەت رەت
جاناننىڭ يولىغا شەيدانە كۆڭلۈم .