Mandin Ranjima

سۇۋۇپ كەتتى سەندىن يۈرۈكۈم، يەنە مېنى سۆيەرمۇ دېمە. پۇرسەت بەرسەم بىلمىگەن ئۆزۈڭ، بولدى ئەمدى مەندىن رەنجىمە. سۈيۈپ تۇرۇپ سېنى ۋاپاسىز، تەشنا دىلىم قالدى داۋاسىز، خاتالاشتىڭ يار كەچۈرگۈسىز، كەچتى يۈرەك مەندىن رەنجىمە. سۆيگۈ دېگەن بولامدۇ شۇنداق، قارا دېدىڭ تۇرساممۇ ئاپئاق، بوپتۇ سەنمۇ مەنسىز ياشاپ باق، خەيىر ئەمدى مەندىن رەنجىمە. يۇشۇرمايمەن سۆزلىرىم ئۇچۇق، ساق يۈرەكنى قىلدىڭسەن پۇچۇق، قەدرىم ئۆتۈپ ئىزدىسەڭ مەن يوق، ئۆزۈڭدىن كۆر مەندىن رەنجىمە.