Lyrics: Muhtar Bughra
ئاق بالىخان
ئېرىيدۇ قار دىگەنمۇ
ئېرىيدۇ مۇز دىگەنمۇ
تاتلىقسەن ئاق بالىخان
ئاق قەننى كۆپ يىگەنمۇ
بەزەن چاغدا يۈزسىزلىك
يارشاركەن ئۇز قىزغا
كېچىسى ئۇيقۇم قىچىپ
دەرت تۆكىمەن يۇلتۇزغا
)قايتۇرما(
ئاق بالىخان ئاق ئاپتاپ
ئاق بۇلۇتتەك مەن شۇتاپ
ئاق سۆڭەك ئويۇنىدا
سەن يار چوقۇم مىنى تاپ
ئاق كېچە ئاپئاق كېچە
چۆكۈمەن كۆز نۇرۇڭغا
ئاق بالىغان سەن مېنى
ئېلىپ قوي كۆز قىرىڭغا
)قايتۇرما(
ئاق بالىخان ئاق ئاپتاپ
ئاق بۇلۇتتەك مەن شۇتاپ
ئاق سۆڭەك ئويۇنىدا
سەن يار چوقۇم مىنى تاپ