Lyrics: Alimjan-Tohti
Music: Jurat-Tursun
باغدىكى تال تال تىرەكنىڭ تۈزى يوق
مەيلىگە قويسا كۆڭۈلنىڭ كۆزى يوق
كۆيدۈم ئا ئۆلدۈم دىيىشقۇ بەك ئاسان ، بەك ئاسان
ۋاقتى كەلسە سۆزلىگەننىڭ ئۆزى يوق
كۆيدۈم ئا ئۆلدۈم دىيىشقۇ بەك ئاسان ، بەك ئاسان
ۋاقتى كەلسە سۆزلىگەننىڭ ئۆزى يوق
مۇزىكا
چاڭقىغاندا جانغا دەرمان بولمىسا
ۋەسلىنى دەپ تاغ داۋانلار ئاشمىسا
چاڭقىغاندا جانغا دەرمان بولمىسا
ۋەسلىنى دەپ تاغ داۋانلار ئاشمىسا
چىن مۇھەببەت گۈللىرىنى ئۈزمىگەي ، ئۈزمىگەي
ئوتتا كۆيۈپ سۇلىرىدا ئاقمىسا
چىن مۇھەببەت گۈللىرىنى ئۈزمىگەي ، ئۈزمىگەي
ئوتتا كۆيۈپ سۇلىرىدا ئاقمىسا
مۇزىكا
سۆيگۈ بەرسەڭ سۆيگۈڭ ئۈچۈن جان بىرەي
بىر سىنى دەپ چۆل باياۋان تەڭ كېزەي
سۆيگۈ بەرسەڭ سۆيگۈ ئۈچۈن جان بىرەي
بىر سىنى دەپ چۆل باياۋان تەڭ كېزەي
بىلگىلى بولماس كۆڭۈلنى سۆز بىلەن ، سۆز بىلەن
كۆيگەن بولساڭ كۆيگىنىڭنى مەن بىلەي
بىلگىلى بولماس كۆڭۈلنى سۆز بىلەن ، سۆز بىلەن
كۆيدۈم دىمە كۆيگىنىڭنى مەن بىلەي
بىلگىلى بولماس كۆڭۈلنى سۆز بىلەن ، سۆز بىلەن
سۆيدۈم دىمە سۆيگىنىڭنى مەن بىلەي