Lyrics: ABZ
Music: ABZ
Arranger: ABZ
بىلسەڭ ھەر كۈنى ئاسمىنىمدا چاقنايتتىڭ يۇلتۇزۇم .
بىلسەڭ ھەر كۈنى يۈرۈكۈمدە يايرايتىڭ گۈزەلىم
دۇنيارىمدا بىر سېنىلا بار دەپلا .
سېنىڭ قايتىپ كېلىشىڭنى ساقلايتتىم
كۈنلەر ئۆتمەكتە ئاستا ئاستا تاشلاپ كەتتىڭ ، سەن ئاشۇ كۈن يازدا .
ھەر تەرەپلەردىن ئىزدەۋاتىمەن كۆرۈنمەيسەنغۇ ھېچ بىر . قاياقتا .
سۆيگەنتىم مەن چىن كۆڭلۈمدىن ئاشىق بىقارار ساڭا .
سۆيمەيمەن دەپلا كېتىپ قالدىڭ ئەجەبا ئارىمىزدا ئەسلىمە ئازما.
ئوچۇق يولۇمنى ئۆزۈم توستۇم خاتا ئەيىبلەپتىمەن كەچۈرگىن دوستۇم .
مۇھەببەت يولىدا بولدۇمغۇ يوقسۇن دوستلىرىمنىڭ تىلەكلىرى روناق تاپسۇن .
دۈشمىنىمنىڭ ئېرىقتا ئاقسۇنى تاشلىغانلار يېڭىنى تاپسۇن .
يېڭىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتسۇن تاشلانمىسىلا بەختىنى تاپسۇن .
قانداق ئۇنتاي سېنى سۆيگەن ئاشۇ گۈزەل ۋاقتىنى .
قانداق ئۇنتاي مەن ئىككىمىز بىرگە ماڭغان شۇ يوللارنى .
قانداق ئۇنتاي ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەل شۇ سىمايىڭنى .
قانداق قىلسام ئۆتكەن كۈنلەر قايتۇرۇپ كېلەر سېنى .
سېنى ئويلاپ خىياللارغا پاتقان سۆيۈش يولىدا ئازابىنى تارتقان .
دەردلىرىمنى ناخشامغا يازغان قىيمىساممۇ سېنى ئۇزاتقان .
ئۈمىد ئۈزەلمەي غەمگىمۇ ، پاتقان مۇھەببەت بولدى بەئەينى بازغان .
ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمىلەر قالغان مۇھەببەت يەنىلا بولدىغۇ يالغان .
بىلسەڭ ھەر كۈنى ئاسمىنىمدا چاقنايتتىڭ يۇلتۇزۇم .
بىلسەڭ ھەر كۈنى يۈرۈكۈمدە يايرايتىڭ گۈزەلىم .
دۇنيارىمدا بىر سېنىلا بار دەپلا .
سېنىڭ قايتىپ كېلىشىڭنى ساقلايتتىم
ئۇخلىيالماي سېنى ئەسلىگەن ئاشۇ ئۇزۇن كېچىدە ، مەن .
دەپتىرىمنىڭ كەينى بەتتىكى ناخشا تېكىستىگە يېزىلدىڭ سەن .
ھېس قىلساڭ بۇ ئۆچمەنلىك ئەمەس ساڭا بولغان سېغىنىشتىغۇ
يېنىڭدا تۇرۇپ ئىسسىق سوغۇق يولنى بىللە ماڭغان زادى كىمۇ
ماڭا بەرگەن ۋەدىلەرنى باشقىلارغا يەنە بېرىپ .
ئۇنىڭ كۆڭلىدىن ئورۇن ، ئېلىپ ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئۆزۈڭنى ئېتىپ .
يەنە دەيسەن ، سەن ئۇنىڭغا ، بىز مەڭگۈ بەخىتلىك بولىمىز .
بولدى ھەشەمەتلىك تويىمىز ھەم بەخىتلىك ئۆيىمىز .
بولدى ئەمدى ماڭا بەرگەن يالغان ۋەدىلەرنى باشقىلارغا بەرمە .
ئۆتكەن كۈنلەر ئەسلىمۇ يەنە بار تاشلىنىپ قالساڭ ئىزدەپ كەلمە
چىدىمايمەن گۈزەل ئەسلىمىلەر سېنى سۆيگىنىمدە بولدىمۇ تەلۋە
قىلمىدىم غەلبە تاللىغىنىم ، سۈكۈت مۇھەببەتنى قالايمىقان يولدىن تەرلىمە .
مەيلى دەيمەن دۇنيا تاشلىسىمۇ كۆزنى ياشلىسىمۇ .
ئامالىم يوق ، باشقا مېنىڭ ئۇ يېڭى مۇھەببەتنى باشلىسىمۇ .
تاشلايدۇ بىر كۈنى خۇددى مېنى تاشلاپ قويغاندەك .
ھەر كىشىدىن تارتىدۇ ئۆزىنى تۇرمۇشنىڭ ئازابىغا تويغاندەك .