Lyrics: Azmat ahmat taran
Arranger: Imron Yusup
كەلدى بىر ساھىبجامال
كۆردۈما جانىم قالمىدى
كەلدى يۇ كەتتى لېكىن
تەندە مادارىم قالمىدى
يار كەلگۈچە مەن بارمۇ؟
يار كەلگۈچە جاب بارمۇ؟
بۇنداق قىينىغان بارمۇ؟
ھىچبىر ئامالىم قالمىدى
ئۆتكۈنى مىڭ بىر كىچە
كەلمىدى كەتكىنىچە
مەن غىرىپ كۈتكۈنىچە
ئۆمۈر باھارىم قالمىدى
تامغىنى ياشىم ئەمەس
يىگىنىم ئاشىم ئەمەس
سورىما زارىمنى بەس
كۈتەرگە ھالىم قالمىدى
يار كەلگۈچە مەن بارمۇ؟
يار كەلگۈچە جاب بارمۇ؟
بۇنداق قىينىغان بارمۇ؟
ھىچبىر ئامالىم قالمىدى