رەتلىگۈچى:كېرەم راخمان
تەرجىمان:ئەلقۇتجان ياسىن
(مۇقەددىمە)
بىر ساڭا تەشنا يىگىتمەن،
سەن ماڭا دۇنيا زىمىن.
چىن مېھىر سۆيگۈگە تولغان
شەپىقىتى دەريا زىمىن
باغقا كىرسەم باقىدۇ بۇلبۇل قاناتىدىن قاقىدۇ.
مىھرىبان زىمىن ئانام بىزلەرنى گۈلدەك باقىدۇ.
بۇ دالان ئىگىز دالان پەنجىرلىرى كىسەك دالان.
بۇ زىمىندا ئوخشىغان ئۈزۈم قوغۇن ياڭاق، چىلان.
كارىزغا باراي دەيمەن چۆلگە سۇ ئاچاي دەيمەن.
مىھرىبان بۇ زىمىنغا باغرىم يىقىپ ياتاي دەيمەن