Lyrics: ali nawa
Music: ali nawa
Arranger: ali nawa
ئۆتۈپ كىتىدۇ
زىمىستاندا ياغسا قىلىن قار
باھار كەلسە ئىرىپ كىتىدۇ
ئىرىپ كەتكەن قارلارغا ئوخشاش
ھايات شۇنداق ئۆتۈپ كىتىدۇ
باشلىرىڭدا بىر تالاي قىسمەت
ئىيتقىن قىنى كىملەر بىلىدۇ
ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلىساڭ بۈگۈن
ئەتە خۇشال كۈنلەر كىلىدۇ
قايتىلانماس ئۆمۈر كارۋىنى
ئەنە شۇنداق كىلىپ كىتىدۇ
يۈرمە ئەمدى غەملەرنى يۈدۈپ
بۈ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ