Lyrics: Tumurhan-Rozi
Music: Tumurhan-Rozi
Arranger: Tumurhan-Rozi
ئەي نادان خۇش بوپ كۈلۈپسەن مەن يىغلىسام
زارىمغا قوشاق قېتىپسەن مەن يىغلىسام
دوپپاڭنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا ئېتىپ
چۈشۈپسەن لەرزان ئۇسسۇلغا مەن يىغلىسام
ۋاپانى ئۆزەڭگە يار قىلماقتا يوق
ۋىجداننى سېتىپسەن مەن يىغلىسام
ئۆزگىلەر بېغىغا گۈللەرنى تېرىپ
ئىشقىدا ئوت بوپ يېنىپسەن مەن يىغلىسام
پەرۋىشىڭدىن ئېچىلىپ ئەقىدەڭ گۈلى
مېھنىتىڭدىن باراقسان گۈل بولار ئىدى
ئەمما ژىرىپسەن شېخىنى ئۇنىڭ
بۇلبۇلۇم جان بېرىپتۇ مەن يىغلىسام
ئۆزۈڭنى بىر كۈنى تاشلانماس دېمە
كۆزۈڭنى مەڭگۈگە ياشلانماس دېمە
ھەر كۈنى سورۇلۇپ ۋىجدان سوتىدا
لەنەتكە قالۇرسەن مەن يىغلىسام