Baghwan

Lyrics: Muhammatjan Rashidin Music: Elham Muhemmed Ghafur/Fargana-Alim باغۋەن باغنى باغۋەن سۆيىدۇ ، باغۋەننى باغلار سۆيىدۇ . باغ چىراي بولغاچ ئۆزۈڭ ، ھەر گۈل يۈرەگى كۆيىدۇ .
بار دىسە باغدا سېنى ، بارماسقا كۆڭلۈم قويمىدى . باققا سەن بارغان كۈنى ، بايراممىدى ؟ يا تويمىدى ؟
باغدا بۇلبۇل سايرىماس ، يايرى قىزىلگۈل بولمىسا . يىغلىمامدۇ باغدا گۈل ، شاخىغا بۇلبۇل قونمىسا .