Lyrics: Litip Qayil
Music: Litip Qayil
Arranger: ahmidi satar
قەرزىم بار
ھاياتىدا تۇنجى رەت
قەدەم باسقان كەپەمگە
ھەمرا بولۇپ مەن بىلەن
غەملىرىم ھەم كۈلكەمگە
بۇھاياتتا مەن بىلەن
ھەمرا بولۇپ ياشىغان
گۈزەل ياشلىق باھارىنى
بىر مەن ئۈچۈن ئاتىغان
قەرزىم بار قەرزىم بار
ئايالىمغا قەرزىم بار
ئاشۇ دىلكەش جاپاكەش
ئايالىمغا قەرزىم بار
music
ھاياتمدا ئاتلىق مەن
چىقماق بولسام سەپەرگە
ھەمرا بولۇپ مەن بىلەن
قارىماستىن خەتەرگە
ھىرىپ قالسام سەپەردە
مەدەت بىرىپ يۈلىگەن
بۇ ھاياتتا مەن ئۈچۈن
نۇرغۇن بەدەل تۆلىگەن
قەرزىم بار قەرزىم بار
ئايالىمغا قەرزىم بار
باللىرىمغا ئەجەپمۇ مىھرىبان
ئايالىمغا قەرزىم بار
music
ھايات ئاتلىق دىڭىزغا
سالماق بولسام مەن قولۋاق
يەلكەن بولۇپ مەن ئۆزۈم
جانان بولۇپ ئۇ پالاق
بۇ ھاياتنىڭ يوللىرى
بەرگىنىدە كۆپ سىناق
بەرداش بىرىپ ھەممىگە
ئۆتمەك بولغان بىز ئىناق
قەرزىم بار قەرزىم بار
ئايالىمغا قەرزىم بار
تۇرمۇش غىمىدا چاچلىرى ئاقارغان
ئايالىمغا قەرزىم بار
قەرزىم بار قەرزىم بار
ئايالىمغا قەرزىم بار
ئاشۇ دىلكەش جاپاكەش
ئايالىمغا قەرزىم بار